يالغۇز كىشىلىك ئولتۇرۇش | مەۋلان مەمتىمىن

قۇيىلىشتىن بۇرۇن 15 سېكۇنت ئېلان قۇيىلىشى مۇمكىن ،تەخر قىلىپ ساقلاڭ

يالغۇز كىشىلىك ئولتۇرۇش



چىيى يوق پىيالە بولسىلا يىتەر

مەن ئۇنى قەدەھ دەپ خىيال قىلسام بەس 

سىردىشىم شۇ دەمدە غېرىپ تۆت تامدۇر

 دۇتارنىڭ ئۈنىدە قەلبىم بۇلار مەس



سازىمنى چالىمەن ئىھتىيات بىلەن

خوشنىلار سەزمەستىن ئاڭلىغاي ئۇنى 

ھەممىنى ئال دۇنيا ساڭىلا بىرەي 

قىزغىناي مۇڭ باسقان غېرىپ كۈيۈمنى



ساز ماڭا جاناندۇر، مەيدۇر كەيىپتۇر

يالغۇز قوي ھەي ئىنسان، مەندىن يىراقتۇر 

غەم - ھەسرەت، دەرد - ئەلەم ياكى مۇھتاجلىق

 ئاشىغلىق شۇ ئىرۇر ياكى پىراقتۇر



 ئۆلپەتكە مۇھتاجمەن ئىنسانغا ئەمەس 

مەن بىلەن مۇڭداشقىن دىلكەش دۇتارىم 

ئۇنۇتۇپ كىتەرمەن دۇنيانى تامام 

يالغۇز مۇڭ ئۈنىدە يوقتۇر ئازارىم



مەن سازغا مىھمانمەن، ئۇ ماڭا مىھمان 

 تەرىپلەش يا ئالقىش ھېچ ھاجەت ئەمەس 

مال - دۇنيا ، شان شۆھرەتكە قۇل بولما كۆڭلۈم

 ھاياتنىڭ ئوڭ - سولى ئۇنىڭدا ئەمەس



ساز ماڭا جاناندۇر، مەيدۇر كەيىپتۇر 

يالغۇز قوي ھەي ئىنسان، مەندىن يىراقتۇر 

غەم - ھەسرەت، دەرد - ئەلەم ياكى مۇھتاجلىق

ئاشىغلىق شۇ ئىرۇر ياكى پىراقتۇر
توربېتىمىزدىكى مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى توردىن يىغىۋېلىنىپ رەتلىنىپ تارقىتىلغان ،نەشىر ھوقوقىغا چېتىشلىق مەزمۇنلار بايقالسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ دەرھال ئۆچۈرۈپ تاشلايمىز!قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت !
© دوستانە ئەسكەرتىش
THE END
ياقتۇرسىڭىز قوللاپ قۇيۇڭ
يۈرەك بېرىش0تارتۇقلاڭ
ئىنكاس تۇنجى ئىنكاسنى سىز يېزۋەتمەمسىز

تىزىملىتىپ كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز